فورمۇلا بۆلىكىنى قولدا توغرىلا

LibreOffice Math دىكى ھەرپلەرنى قانداق قىلغاندا ھەم ئاسان ھەم تېز توغرىلىغىلى بولىدۇ؟

سىز بوشلۇق بەلگە گۇرۇپپىسى ۋە ھەرپ تىزمىسىنىڭ ياردىمىدە توغرىلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز. گەرچە ئۇلار ئورۇن ئىگىلىمىسىمۇ ئەمما توغرىلاش ئۇچۇر ئىجراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بوش گۇرۇپپا قۇرغاندا بۇيرۇق كۆزنىكىدە چوڭ تىرناق {} كىرگۈزۈڭ. تۆۋەندىكى مىسالدا قۇر ئالماشتۇرۇپ قوشۇش بەلگىسى بويىغا توغرىلىنىش كۆرسىتىلدى (ئۈستىنكى قۇردا بىر ھەرپ كەم كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ):

a+a+a+{} newline {}{}{}{}{}a+a+a+a

بوش ھەرپ تىزمىسى تېكست ۋە فورمۇلانى سولغا توغرىلايدىغان ئاددى ئۇسۇل، قوش تەتۈر پەش "" ئىشلىتىپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. بېسىشتا ئىشلىتىلىدىغان ھېچقانداق تەتۈر پەش ئىشلەتمىگەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ. مىسال:

"A further example." newline a+b newline ""c-d

Please support us!