LibreOffice Impress ئىقتىدارى

LibreOffice Impress نى ئىشلىتىپ كەسپىي تام تەسۋىر قۇرالايسىز، ئۇنىڭدا دىئاگرامما، سىزمىچىلىق ئوبيېكتى، تېكست، كۆپ ۋاسىتە ۋە باشقا ھەر خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولسا Microsoft PowerPoint كۆرسەتمە ھۆججىتىنى ئەكىرىپ تەھرىرلەشكە بولىدۇ.

ئېكراندا قويۇلىدىغان تام تەسۋىرگە نىسبەتەن، ھەرىكەت، تام تەسۋىر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆپ ۋاسىتە قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ كۆرسەتمىنى تېخىمۇ تەسىرلىك قىلىشقا بولىدۇ.

ۋېكتورلۇق گرافىك قۇرۇۋاتىدۇ

LibreOffice Draw دىكى ۋېكتورلۇق گرافىك قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قوراللار LibreOffice Impress غىمۇ ماس كېلىدۇ.

تام تەسۋىر قۇرۇۋاتىدۇ

LibreOffice Impress دا تەمىنلەنگەن قېلىپ كەسپىي سەۋىيىدىكى تام تەسۋىر قۇرۇشىڭىزغا ياردەملىشىدۇ.

You can also assign a number of dynamic effects to your slides, including animation and transition effects.

كۆرسەتمە قۇرۇۋاتىدۇ

تام تەسۋىر قويۇشنى لايىھىلىگەندە، كۆپلىگەن كۆرۈنۈش ۋە بەت تاللىشىڭىزغا تەمىنلەنگەن. مەسىلەن، تام تەسۋىر تەرتىپلەش كۆرۈنۈشىدە كىچىكلىتىلگەن رەسىم شەكلىدە تام تەسۋىر قىسقارتىلمىسىنى كۆرسىتىدۇ، قېلىپ بەت شەكلىدە كۆپچىلىككە تارقىتىدىغان تام تەسۋىر ۋە تېكستنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

LibreOffice Impress دا تام تەسۋىر رەپىتىس ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەشكە بولىدۇ.

كۆرسەتمە تارقىتىۋاتىدۇ

تام تەسۋىرنى ئېكرانغا چىقارسىڭىزمۇ، ئورگىنال سۈپىتىدە ياكى HTML پۈتۈكى سۈپىتىدە تارقاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

كۆرسەتمە قويۇش

LibreOffice Impress ئۆزلۈكىدىن ياكى قولدا ئىجرا قىلىشنى تاللاپ قويۇشنى تاللاشقا يول قويىدۇ.

Please support us!