LibreOffice 7.3 Help
سىزمىچىلىق Drawing بالداق دائىم ئىشلىتىدىغان تەھرىرلەش قورالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىنبەلگە يېنىدىكى يا ئوق چېكىلسە تېخىمۇ كۆپ بۇيرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورال بالداق كۆرۈنىدۇ.
تېكىست پۈتۈك ياكى ئېلېكتىرونلۇق جەدۋەلدە سىزمىچىلىق بالداقنى كۆرەلەيسىز. نۆۋەتتىكى پۈتۈكنىڭ تىپىغا ئاساسەن كۆرسەتكەن سىنبەلگىدە پەرق بولۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتىكى تام تەسۋىردىن ئوبيېكت تاللاشتا سىزمىچىلىق ستونىدىكى تاللا قورالى(ئاق رەڭلىك يا ئوق)نى يەككە چېكىڭ، ئاندىن شۇ ئوبيېكتنى چېكىڭ.
بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ئوبيېكتنى تاللاشتا، Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ چاشقىنەكتە ئوبيېكتنى چەكسىڭىز ھەممە ئوبيېكت تاللىنىدۇ.
باشقا ئوبيېكتنىڭ كەينىدىكى ئوبيېكتنى تاللاشتا OptionAlt كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ مەزكۇر ئوبيېكتنى چېكىڭ. ئامباردىكى كېيىنكى قەۋەتتىكى ئوبيېكتنى تاللاشتا، OptionAlt كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ قايتا چېكىڭ. ئىلگىرى تاللىغان ئوبيېكتنى قايتا تاللاشتا، Shift + OptionAltكۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئاندىن يەككە چېكىڭ.
كۆپ قىسىم تەھرىرلەش قوراللىرى پەقەت تاللانغان ئوبيېكتلارغىلا ئۈنۈملۈك. تاللانغان ئوبيېكت سەككىز كونترول نۇقتىسى ئارقىلىق كۆرۈنىدۇ. تاللانغان ئوبيېكتنى قوش چەككەندىن كېيىن، شۇ ئوبيېكتقا ئۇلانغان تېكستنى كىرگۈزەلەيسىز. تاللانغان ئوبيېكتنىڭ سىرتىدىكى خالىغان جاينى چەكسىڭىز، شۇ ئوبيېكتنى تاللاش كۈچتىن قالىدۇ.
تاللاشنى بىكار قىلىشتا تاللانغان ئوبيېكتنىڭ سىرتىدىكى خالىغان جاينى يەككە چېكىڭ ياكى Escape كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
نۆۋەتتىكى پۈتۈكتە سۆرىگەن جايغا رەڭ تولدۇرۇلغان تىك تۆت بۇلۇڭدىن بىرنى سىزىدۇ. سىزىدىغان تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ بىر بۇلۇڭىنى چېكىپ ئاندىن سۆرەپ ئېھتىياجلىق چوڭلۇققا ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر كۋادىرات سىزماقچى بولسىڭىز سۆرىگەندە Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇڭ.
نۆۋەتتىكى پۈتۈكتە سۆرىگەن جايغا رەڭ تولدۇرۇلغان ئېللىپىستىن بىرنى سىزىدۇ. سىزىدىغان ئېللىپىسنىڭ بىر بۇلۇڭىنى چېكىپ ئاندىن سۆرەپ ئېھتىياجلىق چوڭلۇققا ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر چەمبەر سىزماقچى بولسىڭىز سۆرىگەندە Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇڭ.
نۆۋەتتىكى پۈتۈكتە يەككە چەككەن ياكى سۆرىگەن ئورۇنغا تېكست رامكىسىدىن بىرنى سىزىدۇ. پۈتۈكتىكى خالىغان جاينى چېكىپ ئاندىن تېكست كىرگۈزسىڭىز ياكى چاپلىسىڭىز بولىدۇ.
يا ئوق قورال بالداقنى ئېچىپ سىزىق ۋە يا ئوقلارنى قىستۇرىدۇ.
سىزمىچىلىقتا نۇقتا تەھرىرلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
Enables you to edit gluepoints on your drawing.
بۇ قورال ئوبيېكتنى ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
تاللىغان ئوبيېكتنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك ئۈنۈمنى ئاچ ياكى ياپ.