سىزغۇچ

LibreOffice Impress دا خىزمەت بوشلۇقىنىڭ سول تەرەت ۋە ئوڭ تەرەپتىكى بوي سىزغۇچ ۋە توغرا سىزغۇچنى ئىشلىتىپ بەت قۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ. سىزغۇچتىكى بەت رايونى ماس كېلىدىغان قىسمى ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

Tip Icon

مەلۇم ئوبيېكتنى تاللىغاندا، سىزغۇچتا كۈلرەڭ قوش سىزىق ئارقىلىق شۇ ئوبيېكتنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. تاللىغان ئوبيېكتنىڭ چوڭلۇقىنى دەل ئۆزگەرتىشتە، سىزغۇچتىكى بىر قوش سىزىقنى يېڭى ئورۇنغا يۆتكەڭ.


تام تەسۋىردىكى تېكست ئوبيېكتنى تاللىغاندا، توغرا سىزغۇچتا تارايتىش ۋە جەدۋەل بەلگىسى كۆرۈنىدۇ. تېكست ئوبيېكتىنى تارايتىش ياكى جەدۋەل بەلگىسى تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىشتە، سىزغۇچتا تارايتىش ياكى جەدۋەل بەلگىسىنى يېڭى ئورۇنغا يۆتكەڭ.

سىزغۇچتىن كوئوردىنات سىزىقى سۆرەپ چىقىپ، تام تەسۋىردە ئوبيېكت توغرىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. سىزغۇچتىن پايدىلىنىپ كوئوردىنات سىزىقى قىستۇرۇشتا، سىزغۇچنىڭ يېنىنى تام تەسۋىر ئىچىگە سۆرەڭ.

سىزغۇچنى كۆرسىتىش ياكى يوشۇرۇشتا كۆرۈنۈش - سىزغۇچنى تاللاڭ.

سىزغۇچنىڭ ئۆلچەم بىرلىكىنى بەلگىلەشتە سىزغۇچ ئۈستىدە چاشقىنەك ئوڭ كۇنۇپكىسىنى يەككە چېكىپ ئاندىن تىزىملىكتىن يېڭى ئۆلچەم بىرلىكىنى تاللاڭ.

سىزغۇچنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى (0 نۇقتا)نى ئۆزگەرتىشتە، سول ئۈستىدىكى ئىككى سىزغۇچنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىنى خىزمەت رايونىغا سۆرىسىڭىز، توغرا ۋە بوي ئىككى تال ياردەمچى سىزىق كۆرۈنىدۇ. سۆرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ توغرا ۋە بوي ياردەمچى سىزىقنىڭ كېسىسىش نۇقتىسىنى سىز ئېھتىياجلىق بولغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغىچە سۆرەپ ئاندىن چاشقىنەك كۇنۇپكىسىنى بوشىتىڭ. سىزغۇچنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى قايتىدىن كۆڭۈلدىكى قىممەت قىلماقچى بولسىڭىز، كېسىشىش نۇقتىسىنى قوش چېكىڭ.

تام تەسۋىرنىڭ بەت يېنىنى ئۆزگەرمەكچى بولسىڭىز، سىزغۇچتىكى ئاق دائىرىنىڭ قىرىنى سۆرەڭ.

Please support us!