LibreOffice 7.6 Help
LibreOffice Draw دا ئاددىي ۋە مۇرەككەپ سىزمىلارنى قۇرۇپ، ئۇلارنى كۆپ ئۇچرايدىغان سۈرەت پىچىمىدا چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىزمىغا LibreOffice پروگراممىسىدا قۇرغان جەدۋەل، دىئاگرامما، فورمۇلا ۋە باشقا تۈرلەرنى قىستۇرالايسىز.
LibreOffice Draw ماتېماتېكىلىق ۋېكتور ئېنىقلىما بەرگەن تۈز سىزىق ۋە ئەگرى سىزىق ئارقىلىق ۋېكتورلۇق شەكىل قۇرىدۇ، ۋېكتور شەكىلنىڭ گېئومېترىيەلىك شەكلى ئارقىلىق سىزىق، ئېللىپىس ۋە كۆپ تەرەپلىككە ئېنىقلىما بېرىدۇ.
سىز LibreOffice Draw دا كۇب، شار ۋە سىلىندىرغا ئوخشاش ئاددىي ئۈچ ئۆلچەملىك ئوبيېكتلارنى قۇرۇپ، ئوبيېكتلارنىڭ نۇر مەنبەسىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
سىزمىچىلىقتا ئوبيېكتنى توغرىلىغاندا، سېتكا ۋە قوشۇمچە سىزىق كۆرۈش سەزگۈسىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. ئوبيېكت بىلەن سېتكا، ياردەمچى سىزىق ياكى باشقا ئوبيېكتنىڭ قىرى بىلەن توغرىلاشنى تاللاشقا بولىدۇ.
You can connect objects in LibreOffice Draw with special lines called "connectors" to show the relationship between objects. Connectors attach to gluepoints on drawing objects and remain attached when the connected objects are moved. Connectors are useful for creating organization charts and technical diagrams.
ئادەتتە تېخنىكىلىق سۈرەتلەردە ئوبيېكتنىڭ چوڭلۇقى كۆرسىتىلىدۇ. LibreOffice Draw دا ئۆلچەملىك سىزىق ئىشلىتىپ سىزىقنىڭ چوڭلۇقى ھېسابلاپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
رەسىم كارىدورىدا سۈرەت، كارتون، ئاۋاز قاتارلىق تۈرلەر بار، سىزمىچىلىق ۋە باشقا LibreOffice پروگراممىلىرىدا بۇ تۈرلەرنى قىستۇرغىلى بولىدۇ.
LibreOffice Draw سىزمىچىلىق پۈتۈكىنى BMP، GIF، JPG ۋە PNG قاتارلىق كۆپ خىل سۈرەت پىچىمىدا چىقىرالايدۇ.