LibreOffice Calc ئىقتىدارى

LibreOffice Calc بىر خىل ئېلېكترونلۇق جەدۋەل قوللىنىشچان پروگراممىسى بولۇپ، سانلىق مەلۇماتنى ھېسابلاش، تەھلىل قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، Microsoft Excel ئېلېكترونلۇق جەدۋىلىنى ئەكىرىش ۋە ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

ھېسابلاش

LibreOffice Calc تەمىنلىگەن فۇنكسىيە ستاتىستىكا ۋە يىغىندا فۇنكسىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ فۇنكسىيىلەر فورمۇلا قۇرۇپ سانلىق مەلۇماتلارغا نىسبەتەن مۇرەككەپ ھېسابلاش ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

سىز فۇنكسىيە يېتەكچى ئىشلىتىپ ئۆزىڭىزنىڭ فورمۇلاسىنى قۇرالايسىز.

ھەر خىل پارامېتىرلارنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك شۇنداق بىر ئىقتىدار باركى: بىر قانچە كۆپەيتكۈچىدىن تەشكىل تاپقان ھېسابلاشقا نىسبەتەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كۆپەيتكۈچى ئۆزگەرتىلسە ئۇنىڭ ھېسابلاش نەتىجىسىنى شۇ ئانلا كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، قەرز ھېسابلاشتا چىقىم قىلىش مەزگىلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۆسۈم نىسبىتى ۋە تۆلەم سوممىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان ئالدىن بەلگىلەنگەن لايىھە ئىشلىتىپ نىسبەتەن چوڭ بولغان جەدۋەلنى باشقۇرغىلى بولىدۇ.

ساندان ئىقتىدارى

ئېلېكترونلۇق جەدۋەل ئىشلىتىپ سانلىق مەلۇماتلارغا نىسبەتەن تەرتىپلەش، ساقلاش ۋە سۈزۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

LibreOffice Calc دا سانداندىن جەدۋەل سۆرەشكە يول قويىدۇ، ياكى ئېلېكترونلۇق جەدۋەلنى LibreOffice Writer دىكى پىچىملىق خەت-چەك مەنبەسى قۇرۇشنىڭ سانلىق مەلۇمات مەنبەسى قىلىشقا يول قويىدۇ.

سانلىق مەلۇمات تۈرى

چاشقىنەكنى بىر قانچە قېتىم چېكىپ قويسىڭىزلا ئېلېكترونلۇق جەدۋەلنى قايتىدىن تەشكىللىيەلەيسىز، بەلگىلەنگەن سانلىق مەلۇمات دائىرىسىنى كۆرسىتىش ياكى يوشۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مۇئەييەن شەرت بىلەن دائىرىنى پىچىمغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ ياكى تۈرگە ئايرىلغان يىغىندا ۋە ئومۇمىي يىغىندىنى تېز سۈرئەتتە ھېسابلىغىلى بولىدۇ.

ھەرىكەتچان دىئاگرامما

LibreOffice Calc ھەرىكەتچان دىئاگرامما ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق جەدۋەلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتەلەيدۇ، ھەرىكەتچان دىئاگراممىمۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىدۇ.

مىكروسوفت ھۆججەتلىرىنى ئاچ ۋە ساقلا

LibreOffice سۈزگۈچ ئىشلىتىپ Excel ھۆججىتىنى ئايلاندۇرىدۇ ياكى باشقا پىچىم دا ھۆججەتنى ئېچىپ ۋە ساقلايدۇ.

Please support us!