LibreOffice 25.2 Help
قورال ساندۇقى ستونىنى ئاچ.
كونترول قىستۇر
تەھرىرلەش ھالىتىدە مەلۇم كونترولنى قوش چېكىپ خاسلىق سۆزلىشىش رامكىسىنى ئاچقىلى بولىدۇ.
تەھرىرلەش ھالىتىدە، مەلۇم كونترول ئۈستىدە چاشقىنەك ئوڭ كۇنۇپكىسى چېكىلسە كەس، كۆچۈر، چاپلا بۇيرۇقلىرىنى تاللىغىلى بولىدۇ.
بۇيرۇق كۇنۇپكىسى قوشىدۇ. بۇيرۇق كۇنۇپكىسىنى ئىشلىتىپ چاشقىنەكتە يەككە چېكىشكە ئوخشاش ئالدىن بەلگىلەنگەن ھادىسە بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر زۆرۈر بولسا بۇ كۇنۇپكىغا تېكست ياكى گرافىك قوشقىلى بولىدۇ.
گرافىك كونترولى قوشىدۇ.
مەلۇم ئىقتىدارنى ئېچىپ ياكى ياپىدىغان تاللاش رامكىسى قوشىدۇ.
Adds a button that allows a user to select from a number of options. Grouped option buttons must have consecutive tab order. They are commonly encircled by a group box. If you have two groups of option buttons, you must insert a tab order between the tab orders of the two groups. For example, to the frame of the second group, or to any other control in the dialog, with the exception of another option button.
تېكست بەلگە كۆرسىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان سۆز بۆلىكى قوشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بەلگىلەر ئالدىن بەلگىلەنگەن تېكستنى كۆرسىتىشكىلا ئىشلىتىلىدۇ، تېكست كىرگۈزۈشكە ئىشلىتىلمەيدۇ.
تېكست كىرگۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە ئىشلىتىلىدىغان رامكا قوشىدۇ.
تىزىملىكتىن تۈرنى تاللىغىلى بولىدىغان تىزىملىك رامكىسى قوشىدۇ.
بىرىكمە رامكا قوشىدۇ. بىرىكمە رامكا يەككە قۇرلۇق تىزىملىك رامكىسى، يەككە چېكىلسە تىزىملىك رامكىسىدىن بىرى ئېچىلىپ، تىزىملىكتىكى تۈرلەرنى تاللىغىلى بولىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولسا بىرىكمە رامكىدىكى تۈرلەرنى "ئوقۇشقىلا بولىدىغان" قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.
توغرا سۈرگۈچنى سۆزلىشىش رامكىسىغا قوشىدۇ.
بوي سۈرگۈچنى سۆزلىشىش رامكىسىغا قوشىدۇ.
كۆرۈنۈشلۈك گۇرۇپپىلاشقا ئىشلىتىدىغان تاللانما كۇنۇپكىغا ئوخشاش گۇرۇپپىلانغان كونترول رامكىسى قوشىدۇ.
تاللانما كۇنۇپكىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى گۇرۇپپىسىغا ئېنىقلىما بېرىشتە گۇرۇپپا رامكىسىنىڭ تاللانما بەتكۈچ ئىندېكىسىنىڭ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ بەتكۈچ ئىندېكىسى ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى جەزملەڭ.
سۈرئەت تالچىسىنى سۆزلىشىش رامكىسىغا قىستۇرىدۇ.
توغرا سىزىقنى سۆزلىشىش رامكىسىغا قىستۇرىدۇ.
بوي سىزىقنى سۆزلىشىش رامكىسىغا قىستۇرىدۇ.
چېسلا سۆز بۆلىكى قوش.
ئەگەر چېسلا سۆز بۆلىكىگە "كېڭەيتىشچان" خاسلىق بەلگىلەنگەن بولسا، ئۇنداقتا يىلنامىنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن چېسلا تاللاشقا بولىدۇ.
ۋاقىت سۆز بۆلىكى قوش
سان سۆز بۆلىكى قوش.
پۇل سۆز بۆلىكى قوش.
كىرگۈزۈش، چىقىرىش تېكستىگە ئېنىقلىما بېرىش ۋە بارلىق قىممىتى چەكلەنگەن پىچىمغا ئىشلىتىلىدىغان تېكست رامكىسىدىن بىرنى قىستۇرىدۇ.
نىقابلاش كودى سۆز بۆلىكى قوشىدۇ. نىقابلاش كودى سۆز بۆلىكى كىرگۈزگەن نىقابلاش كودى ۋە ھەرپ نىقابلاش كودىدىن تەشكىل تاپىدۇ. كىرگۈزگەن نىقابلاش كودى كىرگۈزۈلگەن ئىشلەتكۈچى سانلىق مەلۇماتىنى جەزملەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھەرپ نىقابلاش كودى نىقابلاش سۆز بۆلىكى كۆزنەك يۈكلىگەندىكى ھالىتىنى جەزملەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆججەت تاللايدىغان سۆزلىشىش رامكىسى ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكا قوشىدۇ.
تاللاش ھالىتىنى ئاكتىپلايدۇ ياكى توختىتىدۇ. بۇ ھالەتتە سۆزلىشىش رامكىسىدا كونترولنى تاللاپ تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
تاللانغان كونترولنى تەھرىرلەيدىغان خاسلىق سۆزلىشىش رامكىسىنى ئاچىدۇ.
سىناش ھالىتىنى قوزغات. سۆزلىشىش كۆزنىكىدىكى ياپ سىنبەلگىسى چېكىلسە سىناش ھالىتى ئاخىرلىشىدۇ.
سۆزلىشىش رامكىسى نى ئېچىپ كۆپ خىل تىل سۆزلىشىش رامكا مەنبەسىنىڭ كۆپ خىل تەڭشىكىنى قوزغىتىدۇ ياكى باشقۇرىدۇ.
دەرىجە تىزىملىكىنى كۆرسىتەلەيدىغان دەرەخسىمان كونترولدىن بىرنى قوشىدۇ. سىز پروگرامما ئارقىلىق API چاقىرىش (XtreeControl) ئارقىلىق بۇ تىزىملىكنى كېڭەيتەلەيسىز.
Adds a table control that can show a table data. You can populate the data by your program, using API calls.
Adds a hyperlink control that can open an address in web browser.