ھالەت ستونى
ھالەت ستونى نۆۋەتتىكى پۈتۈكنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەمدە ئالاھىدە ئىقتىدارى بار كۇنۇپكا بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تىل
تاللانغان مەتىننىڭ تىلىنى كۆرسىتىدۇ.
چېكىپ تىزىملىكتىن بىرنى ئېچىپ، تاللىغان مەتىن ياكى نۆۋەتتىكى تاللانغان ئابزاس مەزمۇنى ۋە ياكى ئابزاس ئۈچۈن كۆڭۈلدىكى تىلنى قوللىنالايسىز.
«يوق»نى تاللاپ ئىملا تەكشۈرۈش ۋە سىزىقچەدىن تاللانغان مەتىننى سىرتتا قالدۇرۇشقا بولىدۇ.
«كۆڭۈلدىكى تىلغا قايتا تەڭشە» نى تاللاپ تاللانغان مەزمۇن ياكى ئابزاس ئۈچۈن كۆڭۈلدىكى تىلنى قايتا قوللانغىلى بولىدۇ.
«تېخىمۇ كۆپ»نى تاللاپ تېخىمۇ كۆپ تاللانما بار سۆزلەشكۈنى ئاچالايسىز.
رەقەملىك ئىمزا
رەقەملىك ئىمزا گىمۇ قاراڭ.
كۆرسىتىش نىسبىتى & كۆرۈنۈش ئۇسلۇبى
ھالەت ستونىدىكى ئۈچ كونترول تېكست پۈتۈكىنىڭ كۆرسىتىش نىسبىتى ۋە كۆرۈنۈش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
كۆرۈنۈش ئۇسلۇبى سىنبەلگىسى سولدىن ئوڭغا كۆرسىتىدۇ: يەككە ستون ھالىتى. كۆرۈنۈش ھالىتىدە كۆپ بەت يانمۇيان تىزىلىدۇ. كىتاب ھالىتىدە ئېچىلغان كىتابتەك ئىككى بەت كۆرۈنىدۇ.
كۆرسىتىش نىسبىتى سۈرگۈچىنى سولغا سۆرىسىڭىز تېخىمۇ كۆپ بەت كۆرۈنىدۇ، ئوڭغا سۈرسىڭىز بىر بەتكە چوڭىيىدۇ ھەمدە بەتتىكى كىچىكرەك دائىرىنى كۆرسىتىدۇ.