بەت نومۇرى

ھالەت ستونىدىكى شۇ سۆز بۆلىكىدە نۆۋەتتىكى بەت نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ. قوش چېكىلسە يولباشچى ئېچىلىدۇ، بۇ جايدا پۈتۈككە يول باشلىيالايسىز. چاشقىنەك ئوڭ كۇنۇپكىسى تاق چېكىلسە پۈتۈكتىكى ھەممە خەتكۈچ كۆرۈنىدۇ. خەتكۈچتىن بىرى چېكىلسە تېكست نۇر بەلگىسى شۇ خەتكۈچ ئورنىغا توغرىلىنىدۇ.

چاشقىنەكتە پۈتۈكنى دومىلاتقاندا بەت x/y نىڭ فورماتى نۆۋەتتىكى بەتنىڭ بەت نومۇرى (x) ۋە ئومۇمىي بەت سانى (y) نى كۆرسىتىدۇ، چاشقىنەك كۇنۇپكىسىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن پەقەت بەت نومۇرىلا كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ئوڭ تەرەپتىكى سۈرگۈچ بىلەن دومىلاتقاندا، بەت نومۇرى ياردەم ئۇچۇرى ئەسكەرتىشى شەكلىدە كۆرسىتىلىدۇ. ھالەت ستونى ۋە دومىلىما سۈرگۈچتىكى بەت فورماتى ئوخشاش بولىدۇ.

سىز بەت نومۇرى سۆز بۆلىكىنى قوش چېكىش ئارقىلىق يولباشچى نى كۆرسىتىپ ياكى يوشۇرالايسىز.

ئەگەر يولباشچىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلەنگەن بەتكە يۆتكەلمەكچى بولسىڭىز، يولباشچىدىكى قىممەت تاللاش رامكىسى بەت تە بەت نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، Enter نى بېسىڭ.

Note Icon

تېز كۇنۇپكا Shift++F5 بېسىلسا، بەت نومۇرى كىرگۈزۈشكە ئالمىشىدۇ.Enter كۇنۇپكىسى بېسىلسا نۇر بەلگىسى تاللانغان بەتكە يۆتكىلىدۇ.