LibreOffice Math ئىقتىدارى

بۇ جايدا LibreOffice Math غا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىقتىدار ۋە ئۇنىڭ رولى ئاددى قىلىپ تونۇشتۇرۇلىدۇ.

LibreOffice Math فورمۇلا قۇرغىنىڭىزدا سىزگە نۇرغۇن ئەمەل، فورمۇلا ۋە فورمات ياردىمى تەمىنلەيدۇ، بۇ ئىقتىدارلار تاللاش كۆزنىكىدە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، سىز پەقەت چاشقىنەكتە چەكسىڭىزلا ئۇلارنى قىستۇرالايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا ياردەم ھۆججىتىدە يەنە تەپسىلىي بولغان نەقىل ۋە نۇرغۇن مىساللار تەمىنلەنگەن.

فورمۇلادىن بىرنى قۇر

دىئاگرامما ۋە سۈرەتكە نىسبەتەن قۇرغان فورمۇلا پۈتۈكنىڭ ئوبيېكتى دەپ قارىلىدۇ. پۈتۈككە فورمۇلا قىستۇرۇلغاندا LibreOffice Math ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىدۇ. سىز ئالدىن بەلگىلەنگەن نۇرغۇن بەلگە ۋە فورمۇلالارنى ئىشلىتىپ فورمۇلا قۇرۇپ، تەھرىرلەپ ۋە فورماتلىيالايسىز.

فورمۇلادىن بىرنى بىۋاسىتە كىرگۈزۈڭ

ئەگەر سىز LibreOffice Math تىلىغا پىششىق بولسىڭىز، فورمۇلانى بىۋاسىتە كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ: تېكست ھۆججىتىگە فورمۇلا چۈشەندۈرۈشىنى كىرگۈزۈڭ. مەسىلەن: "a sup 2 + b sup 2 = c sup 2". بۇ تېكستنى تاللاپ قىستۇر - ئوبيېكت - فورمۇلا نى تاللاڭ. بۇ تېكست ئۆزلۈكىدىن فورماتلانغان فورمۇلاغا ئايلىنىدۇ.

Note Icon

LibreOffice Math فورمۇلا ھېسابلاشقا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ فورمۇلا تەھرىرلىگۈچ (فورمۇلا يېزىش ۋە كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ)، ھېسابلاش پروگراممىسى ئەمەس. ئېلېكترونلۇق جەدۋەل ئىشلىتىپ فورمۇلا ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئادەتتىكى ھېساباتقا تېكست پۈتۈكىدىكى ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ تاماملاشقىمۇ بولىدۇ.


بۇيرۇق كۆزنىكىدە فورمۇلادىن بىرنى قۇر

LibreOffice Math نىڭ بۇيرۇق كۆزنىكىدە فورمۇلا كىرگۈزۈپ ۋە تەھرىرلەشكە بولىدۇ. بۇيرۇق كۆزنىكىگە مەزمۇن كىرگۈزگەندە ئۇنىڭ نەتىجىسى پۈتۈكتە كۆرۈنىدۇ. ئۇزۇن مۇرەككەپ فورمۇلا قۇرغاندا باشتىن ئاخىر ھەممە فورمۇلانى كۆرۈشكە بولىدۇ، قورال ستونىدىكى فورمۇلا نۇر بەلگەنى ئىشلىتىڭ. بۇ ئىقتىدار ئاكتىپلانغاندا نۇر بەلگەنىڭ بۇيرۇق كۆزنىكىدىكى ئورنى تېكست كۆزنىكىدىمۇ كۆرۈنىدۇ.

يەككە بەلگە

سىز ئۆزىڭىز بەلگە قۇرالايسىز ياكى باشقا خەت نۇسخىسىدىن ھەرپ-بەلگە ئەكىرەلەيسىز. LibreOffice Math بەلگىسىنىڭ ئاساسى تۈرلىرىگە يېڭى بەلگە قوشالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ مەخسۇس تۈرىنى قۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. نۇرغۇن ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەر سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن تەمىنلەنگەن.

تىل مۇھىتىدىكى فورمۇلا

To make working with formulas easier, use the context menus, which can be called up with a right mouse click. This applies especially to the Commands window. This context menu contains all the commands that are found in the Elements pane, and also operators, and so on, which can be inserted into your formula by mouse-click without having to key them into the Commands window.