قورال ستونى

بۇ جايدا كۆڭۈلدىكى قورال ستونى ( LibreOffice Math دىكى ئاكتىپلىغان فورمۇلا پۈتۈكىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئىشلەتكىلى بولىدۇ) تونۇشتۇرۇلىدۇ. يېڭى سىنبەلگە يۆتكەش، ئۆچۈرۈش ياكى قوشۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن قورال ستونىنى بەلگىلىيەلەيسىز.

ئۆلچەملىك ستون

ئۆلچەملىك ستونىنى ھەر بىر LibreOffice قوللىنىشچان پروگراممىلاردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

قورال ستونى

قورال ستونى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھالەت ستونى

ھالەت ستونى ئاكتىپ پۈتۈكنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.