تېكست كىرگۈزۈۋاتىدۇ
ئايلاندۇرمايدىغان تېكست ھەرپ تىزمىسىنى بىۋاسىتە قانداق كىرگۈزىدۇ؟
بىر قىسىم تېكست ھەرپ تىزمىسى ئۆزلۈكىدىن ئەمەل بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. بەزىدە سىز بۇنى لازىم قىلمايسىز. ئەگەر سىز W* (ئۇستى ئىندېكستە يۇلتۇز بار ھەرپ) كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز، بۇ يۇلتۇز بەلگىسى كۆپەيتىش بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. بىۋاسىتە تېكست قوش تىرناق بىلەن قورشىلىدۇ ياكى ئورۇن بەلگىسى قوشۇلىدۇ.
مىساللار:
ئەكىرگەن MathType فورمۇلاسى تۆۋەندىكى ھەرپ بەلگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
W rSup { size 8{*} }
If you have set up Math to convert imported MathType formulas (in LibreOffice - PreferencesTools - Options - Load/Save - Microsoft Office), you see the formula with a placeholder instead of the asterisk.
تۆۋەندىكى فورمۇلادىكى {*} نى {} * {}غا ئۆزگەرتىدۇ:
W rSup { size 8{} * {} }
سىز W^"*" نى ئىشلىتىپ بىۋاسىتە تېكست سۈپىتىدە كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بەزى فورمۇلالار = تەڭلىك بەلگىسى بىلەن باشلىنىدۇ. "=" دىن باشلانسا كىرگۈزۈلگىنى بىۋاسىتە تېكست بولىدۇ.