تېزلەتمە شەكلى (LibreOffice Math قوشۇمچە ئىقتىدار)

چاشقىنەك ئىشلەتمەيمۇ LibreOffice Math نى كونترول قىلالايسىز.

بىۋاسىتە فورمۇلا قىستۇر

ئەگەر تېكست پۈتۈككە فورمۇلا قىستۇرماقچى بولسىڭىز ھەمدە توغرا يېزىش ئۇسۇلىنى بىلسىڭىز ئۇنداقتا تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ:

  1. فورمۇلانى تېكستكە يېزىڭ

  2. فورمۇلا تاللاڭ

  3. قىستۇر - ئوبيېكت - فورمۇلا بۇيرۇقىنى تاللاڭ.

كۆزنەك ئىشلىتىپ فورمۇلا قىستۇرۇڭ

Elements pane

سول ياكى ئوڭ ئىسترېلكا

ئوڭ ياكى سولدىكى كېيىنكى تۈر ياكى فورمۇلاغا يۆتكىلىدۇ.

Enter كۇنۇپكىسى

بۇيرۇق كۆزنىكىدە تۈر (تۈر دائىرىسىدە) ياكى فۇنكسىيە قىستۇرۇش (فۇنكسىيە دائىرىسىدە) نى تاللاڭ.

جەدۋەل بەلگىسى

بىرىنچى تۈر مەزمۇنىدىن بىرىنچى فورمۇلاغا يۆتكىلىدۇ.

Shift+Tab

ئاخىرقى تۈر مەزمۇنىدىن ئاخىرقى فورمۇلاغا يۆتكىلىدۇ.

فورمۇلا تېز كۇنۇپكا

Shortcuts (LibreOffice Accessibility)