نۇقتا تەھرىر ستونى

سىز كۆپ تەرەپلىك ئوبيېكتتىن بىرنى تاللاپ نۇقتا تەھرىر ستونىنى چەككەندە، نۇقتا تەھرىر ستونى كۆرۈنىدۇ.

بۇ سىنبەلگە ستونى تەمىنلىگەن ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ، ئەگرى سىزىقنى تەھرىرلىيەلەيسىز ياكى ئەگرى سىزىقنىڭ ئۇستىدىكى نۇقتىغا ئۆزگەرتەلەيسىز. تۆۋەندىكى سىنبەلگىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ:

نۇقتا تەھرىر

The Edit Points icon allows you to activate or deactivate the edit mode for Bezier objects. In the edit mode, individual points of the drawing object can be selected.

سىنبەلگە

نۇقتا تەھرىر

نۇقتا يۆتكە

نۇقتا يۆتكەش ھالىتىنى قوزغىتىدۇ.. چاشقىنەك ئىسترېلكىسى نۇقتا ئۇستىدە تۇرغاندا، ئىسترېلكا يېنىدا بوش كىچىك كۋادىراتتىن بىرسى كۆرۈنىدۇ. نۇقتىنى يەنە بىر جايغا يۆتكەيدۇ. نۇقتىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئەگرى سىزىقمۇ بىللە يۆتكىلىپ، قوشنا نۇقتا ئارىسىدىكى ئەگرى سىزىق ھالىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.

ئەگەر چاشقىنەڭ ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى ئەگەرى سىزىق بۆلىكى ياكى تەكشىلىكتىكى يېپىق ئەگرى سىزىقنى كۆرسەتكەن بولسا چاشقىنەك كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ يۆتكىگەندە پۈتكۈل ئەگرى سىزىق يۆتكىلىپ شەكلى ئۆزگەرمەيدۇ.

سىنبەلگە

نۇقتا يۆتكە

نۇقتا قىستۇر

قىستۇرۇش ھالىتىنى قوزغىتىدۇ. بۇ ھالەتتە نۇقتا قىستۇرغىلى بولىدۇ. يۆتكەش ھالىتىگە ئوخشاش نۇقتىنى يۆتكىيەلەيسىز. ئەمما ئەگەر ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى ئەگرى سىزىقنى يەككە چېكىپ، چاشقىنەك كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ چاشقىنەكنى ئازراق يۆتكىسىڭىز ئۇنداقتا يېڭى نۇقتىدىن بىرى قىستۇرۇلىدۇ. بۇ نۇقتا تەكشى نۇقتا، كونترول نۇقتىسىدىكى سىزىق پاراللىل بولۇپ، يۆتكەلگەندىن كېيىنمۇ پاراللىللىقنى ساقلايدۇ.The point is a smooth point, and the lines to the control points are parallel and remain so when moved.

ئەگەر بۇلۇڭ نۇقتىسىدىن بىرنى قۇرماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن تەكشى ياكى سىممېترىك نۇقتىدىن بىرنى قىستۇرۇپ ئاندىن بۇلۇڭ نۇقتىسى سىنبەلگىسىنى ئىشلىتىپ ئۇنى بۇلۇڭ نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇڭ.

سىنبەلگە

نۇقتا قىستۇر

نۇقتا ئۆچۈر

نۇقتا ئۆچۈر سىنبەلگىسى ئىشلىتىپ بىر ياكى بىر قانچە تاللانغان نۇقتىنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر كۆپ نۇقتا تاللىماقچى بولسىڭىز، Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، مۇناسىپ نۇقتىنى چېكىڭ.

ئالدى بىلەن ئۆچۈرۈدىغان بىر نۇقتىنى تاللاپ ئاندىن بۇ سىنبەلگىنى چېكىڭ ياكى Del كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ.

سىنبەلگە

نۇقتا ئۆچۈر

ئەگرى ~سىزىق پارچىلا

ئەگرى سىزىق پارچىلا سىنبەلگىسىنى ئىشلىتىپ ئەگرى سىزىقنى پارچىلىغىلى بولىدۇ. بىر ياكى بىر قانچە نۇقتىنى تاللاپ ئاندىن بۇ سىنبەلگە چېكىلسە، ئەگرى سىزىق تاللانغان نۇقتىدىن پارچىلىنىدۇ.

سىنبەلگە

ئەگرى ~سىزىق پارچىلا

ئەگرى سىزىققا ئۆزگەرت

ئەگرى سىزىقنى تۈز سىزىققا ياكى تۈز سىزىقنى ئەگرى سىزىققا ئۆزگەرتىدۇ. ئەگەر بىرلا نۇقتا تاللانغان بولسا مۇشۇ نۇقتىنىڭ ئالدىدىكى ئەگرى سىزىقنى ئايلاندۇرىدۇ؛ ئەگەر ئىككى نۇقتا تاللانغان بولسا ئۇنداقتا ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى ئەگرى سىزىقنى ئايلاندۇرىدۇ؛ ئەگەر ئىككىدىن ئارتۇق نۇقتا تاللانغان بولسا ئۇنداقتا بۇ سىنبەلگە ھەر قېتىم چېكىلگەندە ئەگرى سىزىقنىڭ بىر بۆلىكىنى ئايلاندۇرىدۇ. لازىم بولغاندا يۇمۇلاق نۇقتىنى بۇلۇڭلۇق نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ ياكى بۇلۇڭلۇق نۇقتىنى يۇمۇلاق نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ.

ئەگەر ئەگرى سىزىقنىڭ بىر بۆلىكى تۈز سىزىق بولسا ئۇنداقتا شۇ تۈز سىزىق بۆلىكىنىڭ ھەر بىر نۇقتىسىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا بىردىن كونترول نۇقتىسى بولىدۇ. سىز يۇمۇلاق ئۇلىنىش نۇقتىسى شەكىللەندۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، چۈنكى مەزكۇر تۈز سىزىقنى قايتىدىن ئەگرى سىزىققا ئايلاندۇرغان.

سىنبەلگە

ئەگرى سىزىققا ئۆزگەرت

بۇلۇڭ نۇقتىسى بەلگىلە

تاللىغان بىر ياكى بىر قانچە نۇقتىنى بۇلۇڭ نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇلۇڭ نۇقتىنىڭ يۆتكىگىلى بولىدىغان ئىككى كونترول نۇقتىسى بولىدۇ، ئۇلار بىر بىرىدىن مۇستەقىل تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگرى سىزىق بۇلۇڭ نۇقتىدىن بىۋاسىتە كېسىپ ئۆتمەي بۇلۇڭ شەكىللەندۈرىدۇ.

سىنبەلگە

بۇلۇڭ نۇقتىسى بەلگىلە

تەكشى ئالماشتۇر

بۇلۇڭ نۇقتا ياكى سىممىتېرىك نۇقتىنى تەكشى نۇقتىغا ئالماشتۇرىدۇ. بۇلۇڭ نۇقتىنىڭ ئىككى كونترول نۇقتىسى پاراللىل توغرىلىنىدۇ ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا يۆتكىلىدۇ. كونترول نۇقتىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەڭ بولمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئەگرىلىك دەرىجىسىنى تەڭشىشىڭىزگە يول قويىدۇ.

سىنبەلگە

تەكشى ئالماشتۇر

سىممېتىرىك ئۆتكۈزۈش

بۇ سىنبەلگە بۇلۇڭ نۇقتا ياكى تەكشى نۇقتىنى سىممېتىرىك نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇلۇڭ نۇقتىسىنىڭ ئىككى كونترول نۇقتىسى پاراللىل توغرىلىنىدۇ ھەمدە ئۇزۇنلۇقى تەڭ بولىدۇ. ئىككى نۇقتىنى تەڭلا يۆتكىگىلى بولىدۇ، ئىككى يۆنىلىشتىكى ئەگرىلىك دەرىجىسى ئوخشاش بولىدۇ.

سىنبەلگە

سىممېتىرىك ئۆتكۈزۈش

Close Bezier

سىزىق ياكى ئەگرى سىزىق ئاخىرلاشتۇر سىزىقنىڭ ئاخىرقى بىر نۇقتىسى بىلەن تۇنجى نۇقتىسىنى ئۇلاپ سىزىقنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئاخىرلاشتۇرۇلغان سىزىقنىڭ چوڭ كۋادىرات شەكىللىك ئەسكەرتىشى بار

سىنبەلگە

Close Bezier

ئۇلاش نۇقتىسىنى ئازايت

ئۆچۈرىدىغان نۆۋەتتىكى نۇقتا ياكى تاللانغان نۇقتىغا بەلگە سالىدۇ. نۇقتا تۈز سىزىق ئۈستىدە بولغاندا بۇ مەشغۇلاتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەرئەگرى سىزىققا ئايلاندۇر سىنبەلگىسىنى ئىشلىتىپ ئەگرى سىزىق ياكى كۆپ تەرەپلىكنى تۈز سىزىققا ئايلاندۇرسا ياكى چاشقىنەكنى ئىشلىتىپ ئەگرى سىزىقنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭ نۇقتىسىنى تۈز سىزىق ئۈستىدە قىلىپ ئۆزگەرتسە ئۇنداقتا بۇ نۇقتا ئۆچۈرۈلىدۇ. نۇقتىنىڭ ئازىيىش بۇلۇڭى

سىنبەلگە

ئۇلاش نۇقتىسىنى ئازايت