LibreOffice Draw ئىقتىدارى

LibreOffice Draw دا ئاددىي ۋە مۇرەككەپ سىزمىلارنى قۇرۇپ، ئۇلارنى كۆپ ئۇچرايدىغان سۈرەت پىچىمىدا چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىزمىغا LibreOffice پروگراممىسىدا قۇرغان جەدۋەل، دىئاگرامما، فورمۇلا ۋە باشقا تۈرلەرنى قىستۇرالايسىز.

ۋېكتورلۇق گرافىك

LibreOffice Draw ماتېماتېكىلىق ۋېكتور ئېنىقلىما بەرگەن تۈز سىزىق ۋە ئەگرى سىزىق ئارقىلىق ۋېكتورلۇق شەكىل قۇرىدۇ، ۋېكتور شەكىلنىڭ گېئومېترىيەلىك شەكلى ئارقىلىق سىزىق، ئېللىپىس ۋە كۆپ تەرەپلىككە ئېنىقلىما بېرىدۇ.

3D ئوبيېكت قۇرۇۋاتىدۇ

سىز LibreOffice Draw دا كۇب، شار ۋە سىلىندىرغا ئوخشاش ئاددىي ئۈچ ئۆلچەملىك ئوبيېكتلارنى قۇرۇپ، ئوبيېكتلارنىڭ نۇر مەنبەسىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

سېتكا ۋە ياردەمچى سىزىقلار

سىزمىچىلىقتا ئوبيېكتنى توغرىلىغاندا، سېتكا ۋە قوشۇمچە سىزىق كۆرۈش سەزگۈسىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. ئوبيېكت بىلەن سېتكا، ياردەمچى سىزىق ياكى باشقا ئوبيېكتنىڭ قىرى بىلەن توغرىلاشنى تاللاشقا بولىدۇ.

ئۇلانغان ئوبيېكت مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ

LibreOffice Draw دا "ئۇلىغۇچ" دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە سىزىقنى ئىشلىتىپ ئۇلانغان ئوبيېكتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆرسىتىلىدۇ. ئۇلىغۇچ بىلەن سىزمىچىلىق ئوبيېكتىدىكى چاپلاش نۇقتىسى ئۇلىنىدۇ، ھەمدە ئۇلانغان ئوبيېكتنى يۆتكىگەن چېغىڭىزدا بۇ خىل ئۇلىنىش مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەيدۇ. تەشكىلىي قۇرۇلما سخېمىسى ۋە تېخنىكىلىق دىئاگرامما سىزغاندا بەك كېرەكلىك.glue points on drawing objects and remain attached when the connected objects are moved. Connectors are useful for creating organization charts and technical diagrams.

چوڭلۇقىنى كۆرسەت

ئادەتتە تېخنىكىلىق سۈرەتلەردە ئوبيېكتنىڭ چوڭلۇقى كۆرسىتىلىدۇ. LibreOffice Draw دا ئۆلچەملىك سىزىق ئىشلىتىپ سىزىقنىڭ چوڭلۇقى ھېسابلاپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ.

رەسىم كارىدورى

رەسىم كارىدورىدا سۈرەت، كارتون، ئاۋاز قاتارلىق تۈرلەر بار، سىزمىچىلىق ۋە باشقا LibreOffice پروگراممىلىرىدا بۇ تۈرلەرنى قىستۇرغىلى بولىدۇ.

گرافىك ھۆججەت پىچىمى

LibreOffice Draw سىزمىچىلىق پۈتۈكىنى BMP، GIF، JPG ۋە PNG قاتارلىق كۆپ خىل سۈرەت پىچىمىدا چىقىرالايدۇ.