فورمۇلا ستونى
بۇ سىتوندا فورمۇلا كىرگۈزۈلىدۇ.
ئات رامكىسى
نۆۋەتتىكى كاتەكچىنىڭ نەقىل، تاللىغان كاتەكچە دائىرىسى ياكى دائىرە ئاتىنى كۆرسىتىدۇ. كاتەكچە دائىرىسىنى تاللاپ ئاندىن ئات رامكىسى غا شۇ دائىرىنىڭ ئاتىنى كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يىغىندا
نۆۋەتتىكى كاتەكچىدە قىستۇرىدىغان كاتەكچە دائىرىسىدىكى كاتەكچە سانى، ياكى كاتەكچە دائىرىسىدىكى سانلىق قىممەت يىغىندىسىنى تاللىغان كاتەكچىگە قىستۇرىدۇ. مەلۇم كاتەكچە چېكىپ، ئاندىن قايتا بۇ سىنبەلگىنى چېكىپ ئاندىن كاتەكچە دائىرىسى خالىغانچە تەڭشىلىدۇ. ياكى سانلىق قىممەت يىغىندىسىنى قىستۇرىدىغان بىر قىسىم كاتەكچىنى تاللاپ ئاندىن بۇ سىنبەلگىنى چېكىڭ.
فۇنكسىيە
فورمۇلانى نۆۋەتتىكى كاتەكچىگە قىستۇرىدۇ. بۇ سىنبەلگىنى چېكىپ ئاندىن كىرگۈزۈش قۇرى. دا فورمۇلا كىرگۈزۈڭ.
ۋاز كەچ
كىرگۈزۈش قۇرى دىكى مەزمۇننى تازىلايدۇ ياكى نۆۋەتتىكى فورمۇلانىڭ ئۆزگەرتىشىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
كىرگۈزۈش قۇرى
نۆۋەتتىكى كاتەكچىگە قوشىدىغان فورمۇلانى كىرگۈزۈڭ. سىز فۇنكسىيە يېتەكچىسى سىنبەلگىسىنى چېكىپ فورمۇلاغا ئالدىن بېكىتىلگەن فونكسىيىنى قىستۇرالايسىز.