LibreOffice Calc دىكى خاتالىق كودى

تۆۋەندىكى جەدۋەل LibreOffice Calc دىكى خاتالىق ئۇچۇرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر نۇر بەلگىسى تۇرۇشلۇق كاتەكچىدە خاتالىق كۆرۈلسە، ھالەت ستونىدا مۇناسىپ خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ.

خاتالىق كودى

ئۇچۇر

ئىزاھ

###

يوق

The cell is not wide enough to display the contents.

501

ئىناۋەتسىز ھەرپ

Character in a formula is not valid.

502

ئىناۋەتسىز ئۆزگەرگۈچى مىقدار

Function argument is not valid. For example, a negative number for the SQRT() function, for this please use IMSQRT().

503
#NUM!

ئىناۋەتسىز بولغان لەيلىمە چېكىتلىك ھېسابلاش

مەلۇم ھېسابلاش ئېنىقلىما بېرىلگەن قىممەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى.

504

پارامېتىر تىزىملىكىدە خاتالىق بار

فۇنكسىيە پارامېتىرى ئىناۋەتسىز، مەسىلەن، تېكست سان ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ياكى دائىرە نەقىل ئورنىغا كاتەكچە نەقىل قوللىنىلغان.

508

خاتالىق: تىرناق كەم

تىرناق كەم، مەسىلەن، پەقەت يېپىلغان تىرناق بار ئەمما ئېچىلغان تىرناق يوق

509

ئەمەل بەلگىسى كەم

ئەمەل بەلگىسى كەم، مەسىلەن "=2(3+4) * " بۇنىڭدىكى "2" بىلەن "(" نىڭ ئارىسىدا ئەمەل بەلگىسى كەم.

510

ئۆزگەرگۈچى مىقدار كەم

ئۆزگەرگۈچى مىقدار كەم، مەسىلەن، ئىككى ئەمەل بەلگىسى بىۋاسىتە خوشنا بولغان "=1+*2".

511

ئۆزگەرگۈچى مىقدار كەم

فۇنكسىيە ئېھتىياجلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدار بېرىلگەن ئۆزگەرگۈچى مىقداردىن كۆپ، مەسىلەن، AND() ۋە OR().

512

فورمۇلا بەك ئۇزۇن

Compiler: the total number of internal tokens, (that is, operators, variables, brackets) in the formula exceeds 8192.

513

ھەرپ تىزمىسى ئېشىپ كەتتى

تەرجىمە تەھرىر: فورمۇلادىكى بەلگە 64 KB دىن ئېشىپ كەتتى. تەرجىمە قىلغۇچ: چوڭلۇقى 64 KB دىن چوڭ بولغان ھەرپ بەلگە ھېسابلاش نەتىجىسى.

514

ئىچكى قىممەت ھالقىدى

تەرتىپلەش مەشغۇلاتىدا رەقەم سانلىق مەلۇماتى بەك كۆپ (ئەڭ كۆپ بولغاندا 100000) ياكى ھېسابلاش ئوقۇرى قىممەت ھالقىدى.

516

ئىچكى گرامماتىكىلىق خاتالىق

ھېسابلاش ئوقۇرى ماترىتسانى تەلەپ قىلغان ئەمما شۇ ماترىتسا مەۋجۇد ئەمەس.

517

ئىچكى گرامماتىكىلىق خاتالىق

نامەلۇم كود، مەسىلەن، يېڭى ئىقتىدارغا ئىگە پۈتۈك بۇ ئىقتىدارى بولمىغان كونا نەشرىدە يۈكلەندى.

518

ئىچكى گرامماتىكىلىق خاتالىق

ئۆزگەرگۈچى مىقدار مەۋجۇد ئەمەس

519
#VALUE

نەتىجە يوق (كاتەكچىدە كۆرۈنگىنى Err:519 بولماستىن #VALUE!)

فورمۇلا ئېنىقلىمىغا ماس كەلمەيدىغان سانلىق قىممەتنى ھېسابلاپ چىقتى؛ ياكى فورمۇلا نەقىل ئالغان كاتەكچىدە سان ئەمەس تېكست بار.

520

ئىچكى گرامماتىكىلىق خاتالىق

تەرجىمە تەھرىر پروگراممىسى نامەلۇم تەرجىمە تەھرىر كودى ھاسىل قىلدى.

521

ئىچكى گرامماتىكىلىق خاتالىق

نەتىجە يوق.

522

دەۋرىي نەقىل

Formula refers directly or indirectly to itself and the Iterations option is not set under - LibreOffice Calc - Calculate.

523

ھېسابلاش جەريانى يىغىلمايدۇ

فونكسىيىنىڭ نىشان قىممىتى كەم ياكى تەكرار نەقىل تەڭشەلگەن ئەڭ كۆپ قەدەم سانى ئىچىدە ئەڭ كىچىك چەتنەش قىممىتىگە يەتمىگەن.

524
#REF

ئىناۋەتسىز نەقىل (كاتەكچىدە كۆرۈنگىنى Err:524 بولماستىن #REF)

تەرجىمە تەھرىر پروگراممىسى: قۇر ياكى ستوننىڭ چۈشەندۈرۈش ئاتىنى يېشەلمىدى. چۈشەندۈرۈش پروگراممىسى:: فورمۇلادا نەقىل ئېلىنغان كاتەكچىنىڭ قۇر، ستون ياكى ۋاراقلىرى كەم.

525
#NAME?

ئىناۋەتسىز ئات (كاتەكچىدە كۆرۈنگىنى Err:525 بولماستىن #NAME?)

بەلگىنى يېشەلمىدى، مەسىلەن، ئىناۋەتلىك نەقىل يوق، ئىناۋەتلىك دائىرە ئاتى، ستون/قۇر سانلىق مەلۇمات بەلگىسى يوق، ماكرو يوق، كەسىر چېكىتى بەلگىسى خاتا، يۈكلەيدىغان ماكرو يوق قاتارلىق.

526

ئىچكى گرامماتىكىلىق خاتالىق

بىكار قىلىندى، ئىشلىتىلمەيدۇ ئەمما ئەگەر نەتىجە دائىرىدىكى فورمۇلا بولسا ئۇنداقتا كونا پۈتۈكتىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

527

ئىچكى قىممەت ھالقىدى

چۈشەندۈرۈش پروگراممىسى: بەك كۆپ نەقىل قەۋەتلەنگەن، مەسىلەن، كاتەكچە كاتەكچىنى نەقىل ئالغان، كۆپ قەۋەتلىك نەقىل.

532
#DIV/0!

نۆلگە بۆلۈنگەن

بۆلۈش ئەمىلى / ئەگەر مەخرەج 0
بولسا بەزى فونكسىيىلەر خاتالىق قايتۇرىدۇ، مەسىلەن:
VARP پارامېتىرىنىڭ سانى 1 دىن ئاز
STDEVP پارامېتىرنىڭ سانى 1 دىن ئاز
VAR پارامېتىرنىڭ سانى 2 دىن ئاز
STDEV پارامېتىرنىڭ سانى 2 دىن ئاز
STANDARDIZE دىكى stdev=0
NORMDIST دا stdev=0