يىغىندا

نۆۋەتتىكى كاتەكچىدە قىستۇرىدىغان كاتەكچە دائىرىسىدىكى كاتەكچە سانى، ياكى كاتەكچە دائىرىسىدىكى سانلىق قىممەت يىغىندىسىنى تاللىغان كاتەكچىگە قىستۇرىدۇ. مەلۇم كاتەكچە چېكىپ، ئاندىن قايتا بۇ سىنبەلگىنى چېكىپ ئاندىن كاتەكچە دائىرىسى خالىغانچە تەڭشىلىدۇ. ياكى سانلىق قىممەت يىغىندىسىنى قىستۇرىدىغان بىر قىسىم كاتەكچىنى تاللاپ ئاندىن بۇ سىنبەلگىنى چېكىڭ.

سىنبەلگە

يىغىندا

ئەگەر ئېلېكترونلۇق جەدۋەلدە سانلىق مەلۇمات بولسا، LibreOffice كاتەكچە دائىرىسىدىن بىرنى ئۆزلۈكىدىن تاللايدۇ. ئەگەر مەزكۇر كاتەكچە دائىرىسىدە يىغىندا فونكسىيىسى بولسا ئۇنداقتا ئىككى فونكسىيىنى بىرلەشتۈرۈپ مەزكۇر دائىرىنىڭ يىغىندىسىغا ئېرىشىدۇ. ئەگەر دائىرىدە سۈزگۈچ بولسا ئۇنداقتا يىغىندا فونكسىيىسىنى قىستۇرماي تۈرگە ئايرىپ جەملەش فونكسىيىسىنى قىستۇرىدۇ.

قوشۇل سىنبەلگىسى (يېشىل كۆپ تاللاش بەلگىسى) نى چېكىپ، تەھرىرلەش ستونىدا كۆرۈنگەن فورمۇلانى ئىشلىتىدۇ.