سۆزلىشىش رامكا تەھرىرلىگۈچتىكى كونترول تەرجىمە

Basic IDE سۆزلىشىش رامكا تەھرىرلىگۈچتىكى تىل قورال ستونىدا كونترول ئارقىلىق قوزغىتىپ ۋە باشقۇرىدىغان يەرلىكلەشتۈرۈلگەن سۆزلىشىش رامكىسىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا، سىز قۇرغان ھەر قانداق سۆزلىشىش رامكىسى پەقەت بىرلا تىلنىڭ ھەرپ تىزمىسى مەنبەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز ئىشلەتكۈچىنىڭ تىل تەڭشىكىگە ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن كۆرۈنىدىغان يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ھەرپ تىزمىسى بار سۆزلىشىش رامكىسى قۇرۇشنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن.

يەرلىكلەشتۈرۈلگەن سۆزلىشىش رامكىسى قوزغات

  1. Basic IDE سۆزلىشىش رامكا تەھرىرلىگۈچتە تىل قورال ستونىنى ئېچىپ كۆرۈنۈش - Tقورال ستونى - تىلنى تاللاڭ.

    ئەگەر نۆۋەتتىكى پروگرامما ئامبىرى يەرلىكلەشتۈرگىلى بولىدىغان سۆزلىشىش رامكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا ئۇنداقتا تىل قورال ستونىنى ئۆزلۈكىدىن كۆرسىتىدۇ.

  2. Click the Manage Languages iconManage Language icon on the Language toolbar or on the Toolbox bar.

    ئىشلەتكۈچى كۆرۈنۈش تىلىنى باشقۇرۇش سۆزلىشىش رامكىسىنى كۆرەلەيسىز. بۇ سۆزلىشىش رامكىسى نۆۋەتتىكى پروگرامما ئامبىرى ئۈچۈن تىل باشقۇرىدۇ. ماۋزۇ ستونىدا نۆۋەتتىكى پروگرامما ئامبىرىنىڭ ئاتى كۆرۈنىدۇ.

  3. سۆزلىشىش رامكىسىدا «قوش» چېكىلسە تىل تۈرى قوشۇلىدۇ.

    بۇ قەدەم ئارقىلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان ھەممە سۆزلىشىش رامكىسى يەرلىكلەشتۈرۈش ھەرپ تىزمىسى مەنبەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  4. بىرىنچى قېتىم «قوش» چېكىلسە، كۆڭۈلدىكى ئىشلەتكۈچى كۆرۈنمە تىلى تەڭشەش سۆزلىشىش رامكىسىنى كۆرەلەيسىز. كېيىن «قوش» چېكىلسە، بۇ سۆزلىشىش رامكىسىدا ئىشلەتكۈچى كۆرۈنمە تىل قوش ئاتى كۆرۈنىدۇ.

    ئىشلەتكۈچى كۆرۈنمە تىل باشقۇرۇش سۆزلىشىش رامكىسىدا كۆڭۈلدىكى تىلنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

  5. تىل تاللا

    ھەرپ تىزمىسى مەنبەسى قوشۇلسا ھەممە ھەرپ تىزمىسى تەرجىمە قىلىنغان نەشرى سۆزلىشىش رامكا خاسلىقىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. كۆڭۈلدىكى تىل سۆزلىشىش رامكا ھەر تىزمىسى تەڭشىكى يېڭى ھەرپ تىزمىسى تەڭشىكىگە كۆچۈرۈلىدۇ. ئاندىن كېيىن يېڭى تىلغا ئالماشتۇرالايسىز، ئاندىن كېيىن ھەرپ تىزمىسىنى تەرجىمە قىلىدۇ.

  6. سۆزلىشىش رامكىسى ياپىدۇ ياكى باشقا تىل قوشىدۇ.

سۆزلىشىش رامكىڭىزدا يەرلىكلەشتۈرۈش كونترولىنى تەھرىرلىيەلەيسىز

سۆزلىشىش رامكىڭىزدا يەرلىكلەشتۈرۈش ھەرپ تىزمىسى مەنبەسى قوشسىڭىزلا، تىل قورال ستونىدىكى نۆۋەتتىكى تىل تىزىملىك رامكىسىدا نۆۋەتتىكى تىلنى تاللىيالايسىز.

  1. نۆۋەتتىكى تىل تىزىملىك رامكىسىغا ئالمىشىپ كۆڭۈلدىكى تىلنى كۆرسىتىدۇ.

  2. كونترول تەرتىپ نومۇرىنى سۆزلىشىش رامكىسىغا قىستۇرۇپ، سىزگە لازىملىق بولغان ھەممە ھەرپ تىزمىسىنى كىرگۈزىدۇ.

  3. نۆۋەتتىكى تىل تىزىملىك رامكىسىدا باشقا تىلنى تاللايدۇ.

  4. كونترولنىڭ خالىق سۆزلىشىش رامكىسىنى ئىشلىتىپ، ھەممە ھەرپ تىزمىسىنى باشقا تىل سۈپىتىدە تەھرىرلەيدۇ.

  5. سىز قوشقان ھەممە تىلنى تەكرارلايدۇ.

ئەگەر سىز بۇ تىلنىڭ ھەرپ تىزمىسىنى تەمىنلىسىڭىز، سۆزلىشىش رامكىسىنىڭ ئىشلەتكۈچىسى LibreOffice نەشرىدىكى ئىشلەتكۈچى كۆرۈنمە تىلىدىكى ھەرپ تىزمىسىنى كۆرەلەيدۇ.

ئەگەر تىلى ماس كېلىدىغان ئىشلەتكۈچى نەشرى بولمىسا، ئىشلەتكۈچى كۆڭۈلدىكى تىل ھەرپ تىزمىسىنى كۆرىدۇ.

ئەگەر ئىشلەتكۈچى LibreOffice نىڭ كونا نەشرىگە ئىگە بولسا، بۇ نەشرى Basic سۆزلىشىش رامكىسىنىڭ يەرلىكلەشتۈرگىلى بولىدىغان ھەرپ تىزما مەنبەسى نامەلۇم بولىدۇ. ئىشلەتكۈچى كۆڭۈلدىكى تىلدىكى ھەرپ تىزمىسىنى كۆرىدۇ.