Basic سۆزلىشىش رامكىسى قۇرۇۋاتىدۇ

  1. قورال - ماكرولار - سۆزلىشىش رامكىسى باشقۇرنى تاللاپ، ئاندىن يېڭىنى چېكىڭ.

  2. سۆزلىشىش رامكىسىغا ئات كىرگۈزۈپ ئاندىن جەزملەنى چېكىڭ، ئەگەر كېيىن سۆزلىشىش رامكىسىنىڭ ئاتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، بەتكۈچ ئاتىنىڭ ئۈستىدە چاشقىنەك ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئاندىن ئات ئۆزگەرتنى تاللاڭ.

  3. تەھرىرنى چېكىڭ. Basic سۆزلىشىش رامكا تەھرىرلىگۈچ ئېچىلىدۇ ھەمدە بوش سۆزلىشىش رامكىسىدىن بىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  4. ئەگەر قورال ستونى ستونىنى كۆرەلمىسىڭىز، كونترول قىستۇر سىنبەلگىسىنىڭ يېنىدىكى يا ئوقنى چېكىلسە قورال ستونى ئېچىلىدۇ.

  5. مەلۇم قورالنى چېكىپ ئاندىن سۆزلىشىش رامكىسىدا چاشقىنەكنى سۆرەپلا كونترول قۇرغىلى بولىدۇ.