ئىندېكس - ياردەمدىن ھالقىلىق سۆز ئىزدە

ئىزدەش تۈرى تېكست رامكىسىغا سۆز كىرگۈزۈش ئارقىلىق، مۇئەييەن باش تېمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى كۆزنىكىدە ھەرپ تەرتىپى بىلەن تىزىلغان ئىندېكىسلانغان تىزىملىك بار.

ئەگەر نۇر بەلگە ئىندېكسلانغان تىزىملىكتە بولسا ئىزدەش تۈرىنى كىرگۈزگەندە بىۋاسىتە كېيىنكى ماس كەلگەن تۈرگە يۆتكىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئىزدەش تۈرى تېكست رامكىسىغا مەلۇم سۆز كىرگۈزگەندە، فوكۇس نۇقتا ئىندېكسلانغان تىزىملىكتىكى شۇ سۆزگە ماس كەلگەن تۈرگە يۆتكىلىدۇ.

Tip Icon ئىندېكس ۋە پۈتكۈل تېكستىن ئىزدەش ئادەتتە نۆۋەتتىكى تاللانغان LibreOffice قوللىنىشچان پروگراممىغا ماس كېلىدۇ. ياردەم كۆرگۈچ قورال ستونىدىكى تىزىملىك رامكىسىنى ئىشلىتىپ مۇناسىپ قوللىنىشچان پروگراممىنى تاللايدۇ.